104

Al-Humaza

سورة الهمزة

The Traducer9 ayet Mekki

Translated by Muhammad Saleh

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

1

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ

(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!

2

الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ

ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى

3

يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ

ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)

4

كَلَّا ۖ لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ

5

وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ

ھۆتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

6

نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ

ئۇ، اﷲ نىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ

7

الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ

ئۇ، اﷲ نىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ

8

إِنَّهَا عَلَيْهِمْ مُؤْصَدَةٌ

ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ

9

فِي عَمَدٍ مُمَدَّدَةٍ

ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ